قالىن ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى
ئىبراھىم قالىن تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.
1995681
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىبراھىم قالىننى تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى.»