ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە تەسلىم بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  ئەزاسى ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى.

1995143
ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە-قۇلۇپ» ھەرىكىتى رايونىدا ئىككى تېررورچىنىڭ يوشۇرۇنغان ئۆڭكۈردىن چىقىپ تەسلىم بولغان چاغدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ھەمبەھىرلىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا،  «تېررورچىلار  قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، بىردىنبىر چارە تۈركىيەنىڭ ئادالىتىگە تەسلىم بولۇشتۇر. مانا بۇ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-قۇلۇپ> ھەرىكىتى رايونىدا ئۆڭكۈردىن چىققان بىرسى ئايال، جەمئىي ئىككى تېررورچىنىڭ تەسلىم بولغان پەيتلىرى» دېيىلدى.

ھەمبەھىرلەنگەن سىندا، تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ تەسلىم بولغان تېرورچىلارغا: «قولىڭنى كۆتۈرۈپ ئاستا ئاستا ئىلگىرىلە! كەل، تۈركىيە ئەسكىرىگە تەسلىم بول. تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئامانلىق تىلىگەن كىشىگە زىيان سالمايدۇ. قورققىدەك ئىش يوق، كەل تۈركىيە ئەسكىرىگە تەسلىم بول! ھېچكشى ساڭا زىيان سالمايدۇ. ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلە!» دېگەن سۆزلىرى ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر