ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ مەيدانىنى مەدھىيەلىدى

ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان پايتەخت ئەنقەرەدىكى قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قارىتا تىنچلىقپەرۋەر پوزىتسىيە تۇتقانلىقى ئۈچۈن مەدھىيەلىدى.

1995136
ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ مەيدانىنى مەدھىيەلىدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىكتور ئوربان تۋىتتېردىكى يازمىسىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سايلامدىكى غەلىبىسىنى قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا تەبرىكلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇنىڭ تىنچلىقپەرۋەر مەيدانى ۋېنگرىيە ئۈچۈن يېڭى بىر نەپەسكە ئوخشايتتى » دېدى.

ۋىكتور ئوربان مۇراسىم مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىگە ئالاقىدار سىن ۋە مۇراسىمدىكى رەسىملەرنى ھەمبەھىرلەپ، «ئەردوغاننىڭ غەلبىسىگە ساپ ھاۋاغا ئوخشاش ئېھتىاجىمىز بار، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ بىر تىنچلىق تەرەپتارى» دېدى.

ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى يەنە مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئۇكرائىنالىقلار بىلەن رۇسىيەلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئاشلىىق مەسىلىسىدە، خۇددى ئاشلىق كىرىزىسىدا قىلغانغا ئوخشاشلا مۇرەسسەچىلىك قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر