ئەردوغان قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدۇ

قايتىدىن جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2028 - يىلىغىچە داۋاملىشىدىغان يېڭى دەۋردىكى ۋەزىپىسىنى قەسەم بېرىپ رەسمىي باشلايدۇ.

1994742
ئەردوغان قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجى مۇراسىم پايتەخت ئەنقەرەدىكى تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك دۆلەت مەجلىسىدە رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ كۈتۈۋېلىنىدۇ.

مىللىيەتچى (مىللەتچى) ھەرىكەت پارتىيەسى باشلىقى دەۋلەت باھچەلى تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدى بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا جۇمھۇر رەئىسلىك گۇۋاھنامىسىنى سۇنىدۇ. ئاندىن ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي يىغىن زالىدا قەسەم بېرىدۇ.

دۇنيا ئەللىرى بۇ مۇراسىمغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە؛ بۇ دائىرىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ تۈركىيەگە كېلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن مۇھىم سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

مۇراسىمغا يەنە ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان قاتارلىق رەھبەرلەر قاتنىشىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا سومالى، ئالجىرىيە ۋە بالقان دۆلەتلىرمۇ پىرېزىدېنت دەرىجىسىدە قاتنىشىدۇ. قاتار باش مىنىستىرى ئال سانىنىڭمۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭ دۇنيا رەھبەرلىرى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان يېرىدىن ئورنىنى ئېلىشى كۈتۈلمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بەزى دۆلەتلەرگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋەكىللىك قىلىدىغان قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ۋاكالىتەن باش ئەلچى جېفرى فلېيك، رۇسىيەگە ۋاكالىتەن دۆلەت دۇماسى (پارلامېنتى) رەئىسى ۋياچېسلاۋ ۋولودىن قاتنىشىدۇ.

ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىدىكى قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كەمال ئاتاتۈركنىڭ جەسىتى قويۇلغان ئانىتقابىر (ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى)غا بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر