ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلارنىڭ يۇرتلىرىغا بىخەتەر قايتىشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلىرى بار

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمەتنىڭ سۈرىيەلىكلەرنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىزنىڭ 1مىليون مۇساپىرنىڭ ئۇ يەرلەرگە قايتىشىغا مۇناسىۋەتلىك پىلانىمىز بار» دېدى.

1989522
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلارنىڭ يۇرتلىرىغا بىخەتەر قايتىشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلىرى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى — ت ر ت قاناللىرىنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاسىتە ئۇلاپ تارقىتىلىدىغان مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ژۇرنالىستلارنىڭ كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەردوغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلىتىدە يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشتىن قېچىپ تۈركىيەگە كەلگەن سۈرىيەلىكلەرنىڭ يۇرت - ماكانلىرىغا بىخەتەر قايتىپ كېتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇلارنىڭ بىخەتەر قايتىپ كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بوتكا ئۆيلەرنى سالغانلىقلىرىنى، ھازىرغىچە 560 مىڭ سۈرىيەلىكنىڭ دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان: «بىزنىڭ يەنە 1مىليون مۇساپىرنىڭ ئۇ يەرلەرگە قايتىشىغا مۇناسىۋەتلىك پىلانىمىز بار. ئەلۋەتتە، بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىز سۈرىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەر ھالەتتە دۆلەتلىرىگە قايتىپ كېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ چېگرالارغا ئەڭ يېڭى تېخنىكىلار قوللىنىلغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ:  «نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ چېگرالىرى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بىخەتەر» دېدى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن ئەردوغان: «سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن ئەسكەر چېكىندۈرگىنىڭىزدە، ھەم بىخەتەر بولمايدۇ ھەمدە كۆچمەنلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋاللىرى كۆپىيىدۇ» دېدى.

تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا قارشى كۈرىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بىزنىڭ پ ك ك ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىغا قارشى كۈرىشىمىزنى دۆلەت ئىچى، شۇنداقلا سىرتىدا داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىي. ئۇلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلدۇق، قىلىۋاتىمىز ۋە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر