تۈركىيەنىڭ تۇنجى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئىككىنچى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ياساپ چىقىلغان تۇنجى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى — «تايفۇن»نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سىناق قويۇپ بېرىلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

1989649
تۈركىيەنىڭ تۇنجى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئىككىنچى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ تۇنجى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى «تايفۇن» نى سىناق قويۇپ بېرىش مەشغۇلاتى بۈگۈن ئەتىگەن رىزە- ئارتۋىن ئايرودۇۇومىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل دەمىر بومبىنىڭ قويۇپ بېرىلگەن پەيتتە تارتىلغان سۈرىتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيەنىڭ تۇنجى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى تايفۇن تولۇق پۈتكەن چېغىدا،  1000 كىلومېتىر مۇساپىگە يېتىپ بارالايدىكەن.

تايفۇننى تۇنجى سىناق قويۇپ بېرىش مەشغۇلاتى 2022- يىلى 22- ئۆكتەبىر رىزە- ئارتۋىن ئايرودۇرۇمىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر