مىنىستىر ئاقار «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە سۈرىيە» تېمىلىق يىغىندا سۆز قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئالتە تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1989032
مىنىستىر ئاقار «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە سۈرىيە» تېمىلىق يىغىندا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئاقار ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە سۈرىيە تېمىلىق يىغىندا سۆز قىلىپ، بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيەنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلارنىڭ بىرى بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەسكەرلەرنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنىڭ «كىرگىلى بولمايدىغان جاي» دېگەن جايلىرىغا كىرگەنلىكىنى، «چىققىلى بولمايدۇ» دېگەن جايلىرىغا چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان مىنىستىر ئاقار، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلىپ بولمىغۇچە ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئەسكەرلەر تېررورچىلارنى ئۆزلىرى قازغان ئورەك ۋە ئۆڭكۈرلەرگە كۆمۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا. 2015 – يىلى 24 – ئىيۇلدىن بۇيان 37 مىڭ 860 تېررورچى بىتەرەپ قىلىندى. (سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى) فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا يەنە ئالتە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى» دېدى.

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «پەنچە» يۈرۈشلۈك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاقار، گارا، زاپ، خاكۇرك، مەتىنا ۋە ئاۋاشىن باسىياندىكى تېررورلۇق ئۇۋىلىرىنىڭ بىر – بىرلەپ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر