ئەردوغان: شىۋېيتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا ئىجابىي قارىمايمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاشنى توختاتمىغۇچە شىۋېيتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا ئىجابىي قارىمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1988533
ئەردوغان: شىۋېيتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا ئىجابىي قارىمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «‹CNN International› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ رىياسەتچىسى بېكى ئاندېرسوننىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ شىۋېيتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى قوللاپ قوللىمايدىغانلىقىغا دائىر سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز ھازىر شىۋېيتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا ئىجابىي قارىمايمىز. شىۋېيتسىيە بۇ دۆلەتتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ گۇماشتىلىرىنى، ستوكھولم كوچىلىرىدىكى گۇماشتىرىلىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، بىزنىڭ شىۋېيتسىيەنىڭ  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا ئىجابىي قارىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. شىۋېيتسىيە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك. چۈنكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا ھەرقانداق بىر دۆلەت تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. تېررورچىلارنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا ھەرقانداق بىر دۆلەتكە قارشى بۇنداق پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز لازىم. دەرۋەقە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ دەل مۇشۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر