چاۋۇشئوغلۇ: قاپسىلىپ قالغان پاراخوتلىرىمىز ئۈچۈن رۇسىيە تەرەپ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ قاپسىلىپ قالغان تۈركىيە پاراخوتلىرى ئۈچۈن رۇسىيە تەرەپنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1988106
چاۋۇشئوغلۇ: قاپسىلىپ قالغان پاراخوتلىرىمىز ئۈچۈن رۇسىيە تەرەپ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئالتە پاراخوتىمىز <كېرچ بوغۇزى> دىن ئۆتەلمىدى. مەن (رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى) سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۈم. رۇسىيە تەرەپ مىكولايېۋ ۋە ئولۋىيا پورتلىرىدا قاپسىلىپ قالغان پاراخوتلىرىمىزنىڭ چىقىشى ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادا بەرگەن باياناتىدا، قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ يەنە ئىككى ئاي ئۇزارتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئالتە پاراخوتىمىز ئۇ يەردىكى توقۇنۇشلار ۋە مىنالار سەۋەبىدىن <كېرچ بوغۇزى> دىن ئۆتەلمىدى. مەن تۈنۈگۈن (رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى) سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۈم. رۇسىيە تەرەپ بىزنىڭ مىكولايېۋ ۋە ئولۋىيا پورتلىرىدا قاپسىلىپ قالغان پاراخوتلىرىمىزنىڭ چىقىشى ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇكرائىنادىنمۇ شۇنداق قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر