مۇزېيلار ئەتە ھەقسىز بولىدۇ
تۈركىيە مىقياسىدا «18 – ماي خەلقئارا مۇزېي كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بارلىق مۇزېيلار ئەتە ھەقسىز بولىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «خەلقئارا مۇزېي كۈنى» دۇنيادا 1977-يىلدىن، تۈركىيەدە بولسا 1982-يىلدىن باشلاپ تەبرىكلەنمەكتە.
تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق مۇزېيلارغا بولغان قىزىقىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش نىشان قىلىنماقتا.
«18 – ماي خەلقئارا مۇزېي كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بارلىق مۇزېيلار ھەم ئارخېئولوگىيەلىك ساياھەت رايونلىرى ئەتە ھەقسىز بولىدۇ.
ئىستانبۇلدىمۇ «قىزلار مۇنارى»، «گالاتا مۇنارى»، «ئارخېئولوگىيە مۇزېيلىرى»، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بارلىق مۇزېيلار زىيارەتچىلەرنى ھەقسىز كۈتۈۋالىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.