فاھرەتتىن ئالتۇن سايلام ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن: « 14-ماي بۇ ئەزىز خەلقنىڭ ئىرادىسى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىنغان كۈن بولدى» دېدى.

1986403
فاھرەتتىن ئالتۇن سايلام ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «14- ماي يەنە بىر قېتىم بۇ ئەزىز خەلقنىڭ ئىرادىسى نامايان قىلىنغان كۈن بولدى. خەلقىمىز دەيدىغىنىنى دېدى، ماڭىدىغان يولىنى كۆرسەتتى، ھەممەيلەنگە خەيرىلىك بولسۇن» دېدى.

 ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«بىز ئورتاقلىشىش، ھەمكارلىشىش ۋە تىنچلىق ئىچىدە بىللە تەرەققىي قىلىمىز، دۇنياغا ئۈلگە بولىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر