ئەردوغان: مىللىي ئىرادىنىڭ ئۈستۈنلۈكى مەسىلىسىدە قەتئىي مۇرەسسە قىلمايمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىللىي ئىرادەنىڭ ئۈستۈنلۈكى مەسىلىسىدە قەتئىي مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقلىرىنى، «جۇمھۇر ئىتتىپاقى» نىڭ تۈركىيەدە دېموكراتىيەنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1985886
ئەردوغان: مىللىي ئىرادىنىڭ ئۈستۈنلۈكى مەسىلىسىدە قەتئىي مۇرەسسە قىلمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇل «دولماباھچە سارىيى» دىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىشخانىسىدا بىر قىسىم تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەردوغان سۆزىدە، ھېچقاچان مىللىي ئىرادەنىڭ ئۈستۈنلۈكى مەسىلىسىدە ئەسلا مۇرەسسە قىلمىغانلىقلىرىنى، ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىس ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلاملىرىدا بېلەت تاشلاش ساندۇقىدىن چىققان ھەرقانداق نەتىجىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «<مىللەت ئىتتىپاقى> نىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى كۈتىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىدە، «تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانى» نىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە 40 يىللىق تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇھىم باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەت چېگراسى ئىچىدە ھالاكەت گىردابىغا  يۈزلەندۈرگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ غەربنىڭمۇ ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىس ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلاملىرىغا ئىنتايىن قىزىقىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيەگە ئىجابىي قارىمايدۇ» دەپ ھېچقاچان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ھەرگىز ئۈزمىگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ «ئىقتىسادىي تۈزۈلمە» سىنى مەبلەغ سېلىش، ئېكسپورت ۋە تەرەققىيات ئاساسىدا يولغا قويۇۋاتقانلىقلىرىنى، بۇ باسقۇچنى بۈگۈنگە قەدەر تەدرىجىي  ئالغا سىلجىتىۋاتقانلىقلىرىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ سايىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي ھۇجۇملار، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى نىشان قىلىنغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاقابىل تۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان قارادېڭىزدا تېپىلغان ۋە ئېنېرگىيە سىستېمىسىغا داخىل قىلىنغان تەبىئىي گازنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا باشقىچە ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى، گابار رايونىدىن تېپىلغان نېفىتنى سىستېمىغا كىرگۈزگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىس ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلاملىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ ھېچقاچان مىللىي ئىرادەنىڭ ئۈستۈنلۈكى مەسىلىسىدە ئەسلا مۇرەسسە قىلمىغانلىقلىرىنى، «جۇمھۇر ئىتتىپاقى» نىڭ تۈركىيەدە دېموكراتىيەنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دېموكراتىيەنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا قۇرۇلغان <جۇمھۇر ئىتتىپاقى> بېلەت تاشلاش ساندۇقىدىن چىققان ھەرقانداق نەتىجىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىدۇ. «<مىللەت ئىتتىپاقى> نىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى كۈتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر