تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش مۇھىم ئالاقىچىلىرى مەسئۇلىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ئالاھىدە قىسىم ئالاقىچىلىرى مەسئۇلىنى  بىر تەرەپ قىلدى.

1984855
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش مۇھىم ئالاقىچىلىرى مەسئۇلىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ئالاھىدە قىسىم ئالاقىچىلىرى مەسئۇلى «سورو گۇيى» لەقەملىك مۈسلۈم ئۈرپەرنى  بىر تەرەپ قىلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تېررورچى مۈسلۈم ئۈرپەر 2013 – يىلدىن بۇيان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ يېزا كادىرلىرىنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئالغان، تۈركىيەدىكى كوچا نامايىشلىرىغا قاتناشقان. كېيىن سۈرىيەگە ئۆتۈپ، تۈركىيەگە قارشى نۇرغۇن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان.

ئۇ 2015-يىلى ئىراققا ئۆتكەندىن كېيىن، تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارشى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان قورال - ياراغ ھەم ئوق – دورىلارنى توشۇغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان.

تېررورچى مۈسلۈم ئۈرپەرنىڭ تۇرۇۋاتقان جايى ئېنىقلاپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، تېررورچى مۈسلۈم ئۈرپەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىدىن كېيىن، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرى ئىشەنچلىك ئالاقىچى تېپىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر