ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى يىغىلىشتا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 21 يىلدا تۈركىيەنىڭ دۆلەت كىرىمىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1983655
ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى يىغىلىشتا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن (7-ماي) ئىستانبۇلدىكى يىغىلىشتا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «بىز 21 يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي كىرىمىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇردۇق. 21 يىلدا 10 مىليون 500 مىڭ يېڭى ئۆي سالدۇق ۋە ئائىلىلەرنى ئۆيگە ئېرىشتۇردۇق. 21 يىلدا 14 مىليون 500 مىڭ ئاپتوموبىل سېتىپ، 14 مىليون خەلقىمىزنى ئاپتوموبىللىق قىلدۇق. خەلقىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق» دېدى.  

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە 6-فېۋرالدا تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىققا سەۋەب بولغان بىر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە دۇچ كەلدى. نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن، يارىلانغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيمەن. رايونغا 100 مىڭ كونتېينېر ئۆينىڭ قۇرۇلۇشى تاماملاندى. ئۇلى سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ سانى 59 مىڭغا يەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر