جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئۈچۈن ھازىرغىچە چەت ئەللەردىن 1 مىليون 599 مىڭ 152 كىشى بېلەت تاشلىدى
جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە 28 - نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۈچۈن چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانىلاردا ۋە تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلىغان سايلىغۇچىلارنىڭ سانى 1 مىليون 599 مىڭ 152 گە يەتتى.
1983661
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سايلام ئالىي كېڭىشىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تاموژنا ئېغىزلىرى ۋە چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانىلادا 27 - ئاپرېلدا باشلانغان بېلەت تاشلاش دائىرىسىدە، چەت ئەللەردە 1 مىليون 490 مىڭ 727 سايلىغۇچى ۋە تاموژنا ئېغىزلىرىدا 108 مىڭ 425 سايلىغۇچى بېلەت تاشلىغان.
چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانىلاردا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى 9 -مايغىچە ۋە تاموژنا ئېغىزلىرىدىكى بېلەت تاشلاش پائالىيىتى 14 – ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 17:00 گىچە داۋاملىشىدۇ.