تۈركىيەدە جىنايى ئىشلار خاتىرىسى گۇۋاھنامىسى بېرىلىدىغان تىللارنىڭ سانى 40 قا يەتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى جىنايى ئىشلار خاتىرە گۇۋاھنامىسى بېرىلىدىغان چەت تىللارغا يەنە 12 تىلنى ئىلاۋە قىلدى.

1983187
تۈركىيەدە جىنايى ئىشلار خاتىرىسى گۇۋاھنامىسى بېرىلىدىغان تىللارنىڭ سانى 40 قا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى جىنايى ئىشلار خاتىرىسى ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ تەرجىمە قىلىنغان جىنايى ئىشلار خاتىرىسى بېرىلىدىغان تىللىرى قاتارىغا يەنە 12 چەت ئەل تىلى قوشۇلدى.

بۇنىڭدىن كېيىن باش تەپتىش مەھكىمىسى قارمىقىدىكى جىنايى ئىشلار تارماقلىرى، چەت ئەللەردىكى كونسۇلخانا - ئەلچىخانىلاردىن ۋە ئې-دۆلەت سىستېمىسىدىن 40 تىلدا جىنايى ئىشلار خاتىرە گۇۋاھنامىسى ئالغىلى بولىدۇ.

ھازىرغىچە جىنايى ئىشلار خاتىرىسى ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، گېرمانچە، ئىتالىيەچە، ئىسپانچە، گوللاندىيەچە، دانىيەچە ۋە پورتۇگالچە، كېيىن كورېيەچە، ياپونچە، خىتايچە، سىلوۋاكىيەچە، ماكېدونىيەچە، رۇسچە، رۇمېنىيەچە، لاتۋىيچەچەە، بۇلغارىيە، ئالبانچە، ئەرەبچە، بوسنىيەچە، كىرودىيەچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە، ئۆزبېكچە، سېرىبچە، تاجىكچە ۋە تۈركمەنچە قاتارلىق تىللاردا بېرىلىپ كەلگەنىدى.

بۈگۈندىن باشلاپ بۇ سىستېمىغا قاراتاغ، پولشا، ۋېنگىرىيە، شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە، چېخىيە، گىرېتسىيە، ھىندى، بېنگال، ئىبرانىي، مالاي ۋە باھاسا قاتارلىق 12 دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تىلى قوشۇلۇپ، جەمئىي چەت ئەل تىل سانى 40 قا يەتكۈزۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، جىنايى ئىشلار گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىش مۇلازىمىتىگە دارى، پارس ۋە ئوردۇ تىللىرىنىمۇ قوشۇش تەييارلىقلىرى داۋام قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر