خەلقئارالىق «ئىستانبۇل بىخەتەرلىك مۇنبىرى يىغىنى» نىڭ تەييارلىقلىرى تاماملاندى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى ئىستانبۇلدا 2 - مايدىن3 -مايغىچە «ئىستانبۇل بىخەتەرلىك مۇنبىرى يىغىنى» ئۆتكۈزىدىغان بولدى.

1981028
خەلقئارالىق «ئىستانبۇل بىخەتەرلىك مۇنبىرى يىغىنى» نىڭ تەييارلىقلىرى تاماملاندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يىغىندا سىياسەتچىلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر، ژۇرنالىستلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، جەمئىي  70 كە يېقىن يەرلىك ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار لېكسىيە سۆزلەيدۇ. جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتۇن بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ خەلقئارالىق مۇنبەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان ۋە 14 ئوخشىمىغان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇنبەر يىغىنى دائىرىسىدە، رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى شۇنداقلا ھەل قىلىش چارىلىرى يېڭىلىق يارىتىش نۇقتى نەزىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

بىخەتەرلىك ئۇقۇمىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بۇ قېتىمقى مۇنبەر يىغىنى بىلەن خەلقئارالىق بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش نۇقتىئىنەزىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك خەۋىپلىرىگە قارشى كۆپ تەرەپلىمىلىك كۈرەشتە ئەگىشىشكە تېگىشلىك يوللارنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسەت قىلىنماقتا.

ئىستانبۇل بىخەتەرلىك مۇنبىرى يىغىنى پروگراممىسىغا دائىر تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى «isf.org.tr» تورىدىن تاپالايسىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر