ئەردوغان ب د ت باش كاتىپى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1980852
ئەردوغان ب د ت باش كاتىپى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېسنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، سۈرىيە ۋە سۇداندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا توشىدىغان سۈرىيەگە چېگرا ھالقىغان ياردەم مېخانىزمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بايان قىلغان.

ئەردوغان قارادېڭىز ئاشلىق يۆتكەش پائالىيىتىنىڭ داۋاملىشىشىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە  ئامونياك تۇرۇبا لىنىيەسى مەسىلىسىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان تەقدىردە، خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئورگانلار ئارا ھەيئەتلەر ئارقىلىق ئىشتىراك قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۇداندا توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن دىيالوگ ئورنىتالىغان بىردىنبىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەرەپلەرنىڭ قايتا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە تىنچلىق سۆھبىتىگە ساھىبخانلىق قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر