تېكنوفېستنىڭ كېچىكتۈرۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمى بۈگۈن ئۆتكۈزۈلدى

ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنىكا فېستىۋالى (بايرىمى) — «تېكنوفېست»نىڭ قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن بۈگۈنگە كېچىكتۈرۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

1980721
تېكنوفېستنىڭ كېچىكتۈرۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمى بۈگۈن ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل 6- قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئالەم قاتنىشى ۋە ئاۋىياتسىيە فېستىۋالى ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا باشلاندى.

يامغۇر سەۋەبىدىن بۈگۈنگە كېچىكتۈرۈلگەن فېستىۋالنىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى پۇقرالارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى.

مۇسابىقىگە چۈشكەن ياشلارنى زىيارەت قىلغان بايقار تېخنولوگىيە شىركىتى باشلىقى سەلچۇق بايراقتار، ئاممىنى فېستىۋالغا ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

تۈركىيە دۆلەتلىك مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى رەئىسى ئىسمائىل دەمىر مۇراسىمدا سۆز قىلىپ: «بىز بۇ يەردە پەقەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىنىڭلا ئەمەس، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ھەر خىل تېخنىكىلارغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى كۆرۈۋاتىمىز. پەن – تېخنىكا ئاتەشى ياندۇرۇلدى. 2071 – يىلى تۈركىيە قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان بىر دۆلەت بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر