ئەردوغان: ئالتە مىڭ پەن - تەتقىقاتچى تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2018- يىلى يولغا قويۇلغان «دۆلەتكە قايتىش تۈرلىرى» دائىرىسىدە، چەت ئەللەردە ئىشلەۋاتقان 6 مىڭ پەن – تەتقىقاتچىنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1979468
ئەردوغان: ئالتە مىڭ پەن - تەتقىقاتچى تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا چەت ئەللەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىشى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

ئەردوغان «تۈركىيە ئەسىرى» دېگەن خەتكۈچ بىلەن ئورتاقلاشقان ئۇچۇرىدا: «2018- يىلى يولغا قويغان دۆلەتكە قايتىش تۈرلىرىمىز دائىرىسىدە، چەت ئەللەردە ئىشلەۋاتقان 6 مىڭ پەن – تەتقىقاتچىنى خەلقىمىزنىڭ ئارىسىغا — ۋەتىنىمىزگە قايتۇرۇپ كەلدۇق. مېڭە بايلىقىنى تەتۈرىگە كۆچۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز. چۈنكى تۈركىيە نۆۋەتتە كەتكەنلەر قايتىپ كېلىدىغان بىر دۆلەت» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئۇچۇر بىلەن بىرلىكتە ھەمبەھرىلەنگەن بىر سىن كۆرۈنۈشىدە، باشلانغۇچ مائارىپىنى مۇشتا تاماملاپ، بىر نەچچە يىللاردىن كېيىن ئەنگلىيەدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىغان بىر ئالىمنىڭ ئەردوغاننىڭ مەكتۇپىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ دۆلەتكە قايتىپ كېلىش ھېكايىسىگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر