جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن بۈگۈنكى خىزمەت پىلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن، بۈگۈن (26-ئاپرېل) كى خىزمەت پىلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆيىدە ئارام ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1979679
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن بۈگۈنكى خىزمەت پىلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئالدىراش خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى جەريانىدا كۆرۈلگەن يەڭگىل شەكىلدىكى بىئاراملىقى سەۋەبىدىن ھال سورىغان، دۇئا قىلغان بارلىق پۇقرالارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئەردوغان ئۇچۇرىدا: «بۈگۈن، دوختۇرلىرىمىزنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن، ئۆيدە ئارام ئالىمەن. ئەپسۇسكى، بىز بۈگۈن قىرىققەلئە، يوزگات ۋە سىۋاسلىق قېرىنداشلىرىم بىلەن جەم بولالمايمىز. مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رازى بولۇپ كېتىشىنى ئۈتۈنىمەن. مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوقتاي ماڭا ۋاكالىتەن قىرىققەلئە، يوزگات ۋە سىۋاس ئۇچرىشىشلىرىمىزغا ئىشتىراك قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن، ئەتىدىن باشلاپ، پىروگراممىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئەزىز خەلقىمىزنى تۈركىيە ئەسىرى نىشانلىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق خەلقىمىزگە سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ۋە ئامان – ئېسەنلىك تىلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر