تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەردى
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك – پ ي د/ي پ گ نىڭ ئاتالمىش رەققە مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مەھمەت سارىنى سۈرىيەنىڭ قامىشلى رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلدى.
1979233
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «باران قۇرتاي» لەقەملىك تېررورچى سارى تۈركىيەدىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىدىن كېيىن، 2014-يىلى سۈرىيەگە ئۆتكەن.
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش رەھبىرىي كادىرلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىپ، رەققەدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان سارى 14-ئاپرېل كۈنى تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سۈرىيەنىڭ قامىشلى رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىنغان.