«ت ج گ ئانادولو» پاراخوتىنى 5 كۈندە جەمئىي 61 مىڭ 231 كىشى زىيارەت قىلدى

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي پاراخوتى «TCG Anadolu» نى كۆرۈشنى خالايدىغان پۇقرالار ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى پاراخوت لەڭگەر تاشلىغان ئىستانبۇل سارايبۇرنۇ پورتىغا سەل بولۇپ ئاقتى.

1978158
«ت ج گ ئانادولو» پاراخوتىنى 5 كۈندە جەمئىي 61 مىڭ 231 كىشى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ئەتىگەن سەھەردىن باشلاپلا سارايبۇرنۇ پورتىغا توپلانغان پۇقرالار ئىمىنۆنۇ بىلەن ئاخىركاپى ئوتتۇرىسىدىكى يول بويىدا ئۇزۇن ئۆچرەت شەكىللەندۈردى.

دۇنيا بويىچە تۇنجى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان  ئاۋىياماتكىسى بولغان «TCG Anadolu» نى كۆرۈش ئۈچۈن سارايبۇرنۇ پورتىغا يېتىپ كەلگەن كىشىلەر ئالدى بىلەن تىزىمغا ئېلىنغاندىن كېيىن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھەربىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە پاراخوتنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

زىيارەتچىلەر بىرىنچى قەۋەتتىكى تانكا، ئەسكەر توشىغۇچى ئاپتوموبىللار ۋە قۇرۇقلۇق ئاپتوموبىللىرىغا ، ئاندىن 5 قەۋەت ئۈستىدىكى ئايروپىلانلارغا زور قىزىقىش كۆرسەتتى.

بايرامنىڭ بىرىنچى كۈنى، 16 مىڭ 127 كىشى پاراخوتنى ساياھەت قىلدى.

پاراخوت زىيارەتكە ئېچىلغان  17- ئاپرېلدىن 21- ئاپرېلغىچە ساياھەت قىلغانلارنىڭ سانى  61 مىڭ 231 كىشىگە يەتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر