ئاقار: تۈركىيە ئارمىيەسى يېقىنقى ئۈچ كۈن ئىچىدە 18 تېررورچىنى  بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ  شىمالىدا 18 تېررورچىنى  بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1977440
ئاقار: تۈركىيە ئارمىيەسى يېقىنقى ئۈچ كۈن ئىچىدە 18 تېررورچىنى  بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدە بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ جمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ  كەڭ كۆلەملىك ۋە قويۇق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە كۆپ ساندىكى تېررورچىلار بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە پ ك ك ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالماقتا. خۇدايىم بۇيرۇسا، تېررورچىلار پات يېقىندا تامامەن يوقىلىدۇ.»

ئاقار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ چېگرا رايونلىرى ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن قانداق قىلىش زۆرۈر بولسا شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ تېررورچىلارنىڭ ئارقىسىدا كىم بولۇشىدىن، كىم ئۇلارغا قورال – ياراغ، ئوق-دورا ياكى تىك ئۇچار بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، بىزنىڭ ئۇلارغا قارشى كۈرىشىمىز ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ. جۈملىدىن، بىزنىڭ كۈرىشىمىز تاكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. ئارمىيەمىز يېقىنقى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ  شىمالىدا 18 تېررورچىنى  بىر تەرەپ قىلدى.»

مىنىستىر ئاقار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلار كىرگىلى بولمايدىغان «مۇستەھكەم قورغان» دەپ قارايدىغان جايلارغىمۇ كىرىپ، تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «2015-يىلى 24 – ئىيۇلدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە جەمئىي 37 مىڭ 756 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر