ئاقار: يوقىتىلغان تېررورچىلار سانى 12 گە يەتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي بازىلارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانىنىڭ 12 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1976255
ئاقار: يوقىتىلغان تېررورچىلار سانى 12 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئاقار قەيسەرىدە بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى «تېررورلۇقنى مەنبەسىدە تۇرغۇزۇپ يوقىتىش» ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلار قۇرۇشنى خىيال قىلىۋاتقان «تېررور كارىدورى»نىڭ تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنغانلىقىنى، تېررورچىلارنىڭ ئۆزلىرى كولىغان ئۆڭكۈرلەرگە كۆمۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ھۇجۇم توغرىسىدا توختىلىپ: «تۈركىيە ئارمىيەسى ھەم تېگىشلىك جاۋابنى قايتۇردى ھەم فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا – تاپشۇرۇۋېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا – 12 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى. كۈرىشىمىزنى ئەڭ ئاخىرقى تېرروچى يوقىتىلىپ بولغۇچە داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر