ئەردوغان: 650 مىڭ تۇرالغۇنى ھەقدارلارغا تاپشۇرۇپ بېرىپ بولغۇچە رايوندىن قەتئىي ئايرىلمايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 6 - فېۋرال قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋىلايەتلەر ھەققىدە توختالدى.

1976264
ئەردوغان: 650 مىڭ تۇرالغۇنى ھەقدارلارغا تاپشۇرۇپ بېرىپ بولغۇچە رايوندىن قەتئىي ئايرىلمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا قىلغان سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ يەر تەۋرەش ئۆيلىرىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ: «تۈنۈگۈن شانلىئۇرفا بىلەن بىرلىكتە 100 مىڭدىن ئارتۇق يەر تەۋرەش تۇرالغۇسى ۋە يېزا ئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىنى باشلىدۇق. ئىنشائاللاھ بىرىنچى يىلى 319 مىڭ بولۇپ جەمئىي 650 مىڭ تۇرالغۇنى ھەقدارلارغا تاپشۇرۇپ بېرىپ بولغۇچە رايوندىن قەتئىي ئايرىلمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان خارابىلىكلەرنى تازىلاش خىزمەتلىرىنىڭ ئاستا – ئاستا ئاخىرلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «خاتايدىن باشقا ۋىلايەتلىرىمىزدىكى بارلىق خارابىلىكلەرنى ھېيتقىچە تازىلاپ بولۇشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ ئۈسكۈدار رايونىدا ياشلار بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر