تۈركىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ھال سورىدى

تۈركىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدىكى بىر بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە كۆپ ساندا ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

1976043
تۈركىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ھال سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى دۇبەيدىكى بىر بىنا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.

تېلېگراممىدا: «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە كۆپ ساندا ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى ھەمدە يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇردۇق. دوست ۋە قېرىنداش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھۆكۈمەت، خەلقىدىن ھال سورايمىز؛ جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھىم - شەپقەت، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئالدىنقى كۈنى دۇبەيدىكى بىر بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 16 ئادەم قازا قىلغان، توققۇز ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر