چاۋۇشئوغلۇ ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئاۋسترىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر شاللېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى.

1975095
چاۋۇشئوغلۇ ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋېياننا زىيارىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ باياناتىدا، پايتەخت ۋېياننادا ئاۋسترىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر شاللېنبېرگ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، شۇنداقلا 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن تۈركىيەگە بەرگەن ياردەملىرى ئۈچۈن ئاۋسترىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، سودا ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئۇچرىشىشتا ئۇكرائىنا، سۈرىيە ۋە كاۋكاز رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىلىق مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئاۋسترىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر شاللېنبېرگ بىلەن كۆرۈشۈشكە تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى توگگ بىلەن باردى.

ئىگىلىنىشىچە، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋېياننادا ئىشقا ئاشۇرىدىغان بارلىق ئۇچرىشىشلىرىغا توگگ ئاپتوموبىلى بىلەن بارىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر