ئاقار ناتو چېدىر كەنتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ياشار گۈلەر ۋە ناتو ياۋروپا ئىتتىپاقداشلار ئالىي قوماندانى گېنېرال كرىستوفېر ج. كاۋولى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قۇرۇلغان ئانتاكيا ناتو چېدىر كەنتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1974426
ئاقار ناتو چېدىر كەنتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ناتو بىلەن بارلىق دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە، قاھرامانماراش يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدىن كېيىن، ھاۋا كارىدورى ئۈچۈن ئايروپىلان، تىك ئۇچارلارنى ئاجراتقانلىقى ۋە چېدىر كەنت قۇرۇلۇشىنى قوللىغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى.

خۇلۇسى ئاقار ناتونىڭ ئەڭ چوڭ ۋە كۈچلۈك مۇداپىئە تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ 70 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان تەشكىلاتنىڭ تەسىرى كۈچلۈك ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزاسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ تەشكىلات ئىچىدە ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى كەمكۈتسىز ئورۇنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ناتونىڭ پەقەت بىر ھەربىي تەشكىلات بولۇپلا قالماستىن، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىدىمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بىز تۇرۇۋاتقان بۇ چېدىر كەنتتە كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. باشقا كۈن چۈشكەندە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم. بۇ كۈنلەردە بىرگە بولۇش، ئۆزئارا زىچ ھەمكارلىشىش مۇھىم. بۇنى ناتودىن ۋە بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن كۆردۇق» دېدى.

ناتو ياۋروپا ئىتتىپاقداشلار ئالىي قوماندانى گېنېرال كرىستوفېر ج. كاۋولى قىيىنچىلىق كۈنلەردە تۈركىيەگە ياردەم قولى سوزۇشتىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ناتو كۆچمە دوختۇرخانىلىرىنى، خادىملىرىنى، چېدىر ۋە يېمەك-ئىچمەك ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈردى. بىز تۈركىيە ئېھتىياج ھېس قىلغان خىزمەتلەر بىلەن تەمىنلەشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر