ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يېڭى يەرلىك سۈنئىي ھەمراھىنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغان ۋاقىتنى ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان تۇنجى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى «İMECE» نىڭ 11-ئاپرېل (2023) قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1972085
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يېڭى يەرلىك سۈنئىي ھەمراھىنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغان ۋاقىتنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسىدا چەت ئەلگە بېقىندىلىقىنى تۆۋەنلىتىدىغان «İMECE» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئالەم ساياھىتى ئۈچۈن تەتۈر ساناق باشلاندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان تۇنجى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىمىز<İMECE> 11-ئاپرېل قويۇپ بېرىلىدۇ. يېتىشكەن ئادەم كۈچىمىز، بىز تەمىنلىگەن ئىمكانلار ۋە بىز تەرەققىي قىلدۇرغان تېخنىكىلار سايىسىدا، دۇنيا ئالەم بوشلۇقى رىقابىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز».

تۈركىيەنىڭ «İMECE» سۈنئىي ھەمراھى 11-ئاپرېلدا ئالەم قاتنىشى شىركىتى «Space X» تەرىپىدىن ئوربېتاغا قويۇپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر