ئاقار: دۆلىتىمىز ھەر دائىم خەلقىنىڭ يېنىدا

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار 6-فېۋرال (2023) يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىنلا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرى ۋە خەلقىنىڭ يېنىدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1971328
ئاقار: دۆلىتىمىز ھەر دائىم خەلقىنىڭ يېنىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئاقار تۈنۈگۈن (6-ئاپرېل) پايتەخت ئەنقەرەدىكى غازى قارارگاھىدا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن ھامان دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياردىمىگە ئاتلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاقار تۈركىيەنىڭ تارىختىن بۇيان نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەللەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خۇداغا شۈكرى، بىز بۇ قىيىن ئۆتكەللەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتتۇق. دۆلىتىمىز بىلەن ئەزىز خەلقىمىز بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى بۇ قىيىن ئۆتكەلدىنمۇ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتىمىز.»

مىنىستىر ئاقار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئاپەت رايونلىرىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندىن باشقا، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورىزىمغا قارشى كۈرىشىنى، شۇنداقلا قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزلاردىكى ھەق – ھوقۇقلىرى، تۈپ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر