دۆنمەز: قارادېڭىزنىڭ تەبىئىي گازىنى قۇرۇقلۇققا چىقىرىمىز

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز رامزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى فىليوستا قارادېڭىزنىڭ تەبىئىي گازىنى قۇرۇقلۇققا چىقىرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1968523
دۆنمەز: قارادېڭىزنىڭ تەبىئىي گازىنى قۇرۇقلۇققا چىقىرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز  تۈنۈگۈن خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئەسكەندەرۇن پورتىدا بەرگەن باياناتىدا، تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مىسلىسىز لايىھەلەرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خۇدا خالىسا، رامزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى فىليوستا قارادېڭىزنىڭ تەبىئىي گازىنى قۇرۇقلۇققا چىقىرىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 27 – ئاپرېل كۈنى يېڭى يادرو يېقىلغۇسىنى مەرسىندىكى ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئېلىپ كېلىمىز. ھازىردىن باشلاپ بۇ جاي يادرو مۇئەسسەسەسىگە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەۋاتىمىز.»

«ئەسلىدە ساروس ئۈچۈن FSRU پاراخوتى يېتىپ كەلدى، ئەمما يەر تەۋرەش ۋە باشقا كۈنتەرتىپلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن بۇ خىزمەتنى ئىشقا كىرىشتۈرەلمىگەن ئىدۇق. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى لايىھەسىنى تاماملىدۇق. خۇدا خالىسا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كونيا ۋىلايىتىنىڭ قاراپىنار رايونىدا بۇ لايىھەنى ئىشقا كىرىشتۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر