دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن خىتابنامە ئېلان قىلىندى

دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى خىتابنامەسىدە، يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىنىڭ ھەر خىل پاسسىپ تەسىرلىرىنى يوقىتىش تەدبىرلىرى بىلەن سايلاملارنىڭ خاتىرجەملىك ۋە خەۋپسىزلىك مۇھىتىدا ئۆتكۈزۈش تەدبىرلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1967922
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن خىتابنامە ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، خىتابنامە ئېلان قىلىندى.

يىغىندا، 6-فېۋرال (2023) يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدىن كېيىن، ئوتتۇرىغا چىققان ۋەزىيەت مۇھاكىمە قىلىنىپ، رايوندىكى ھاياتنى بالدۇرراق نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

خىتابنامەدە مۇنداق دېيىلدى:

«يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ تىنچلىقى ۋە پاراۋانلىقى بىلەن دۆلەتنىڭ مىللىي كۈچ ئامىللىرىغا كۆرسىتىدىغان ھەر خىل پاسسىپ تەسىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىندى.»

پ ك ك|ك ج ك-پ ي د|ي پ گ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق مىللىي ئىتتىپاقلىق ھەمدە باراۋەرلىككە، مىللىي مەۋجۇتلۇققا قارشى ھەر خىل تەھدىت، خەتەرلەرگە قارشى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا قەتئىي ئىرادە شۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر ھەققىدە كېڭەشكە مەلۇمات سۇنۇلغانلىقى خىتابنامەدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:

«سۈرىيە ۋە ئىراقتا يۈز بەرگەن تەرەققىياتلار، بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش باھانىسى ئاستىدا پ ك ك|ك ج ك-پ ي د|ي پ گ نى تىك ئۇچارنى ئۆز ئىچىگە ھەر خىل ۋاسىتە ۋە ئىقتىدارلار بىلەن داۋاملىق قوراللاندۇرغان ئاكتىيورلارنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسىنى چۈشىنىشتە يەنە بىر قېتىم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز بەرگەن ئېغىر زەربىلەر، تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قېچىش ۋە تېررورلۇق سېپىگە قاتنىشىش سانىنىڭ ئازىيىشىنىڭ تەسىرىدە،  ۋەيران بولۇش باسقۇچىغا كىرگەن ۋە ئەجىلى توشقان تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوغدايدىغان ئاكتىيورلارغا، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ بارلىق گۇماشتىلىرىنى ھەر تۈرلۈك قوللاش بولسىمۇ پۈتۈنلەي يوقىتىش قەتئىي ئىرادىسىگە ئىگە ئىكەنلىكى، چېگرا بويلاپ تېررورلۇق كارىدورى قۇرۇشقا يول قويمايدىغانلىقى خاتىرىلىتىلدى.»

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ، رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقىغا ۋە قارا دېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرلىرى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن خىتابنامەدە، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش، رايون مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تۈركىيەنىڭ بالقان دۆلەتلىرى بىلەن يېقىن ھەمكارلىقلارنى ئورنىتىپ ئىجرا قىلغان تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ئاساسىدىكى سىياسەتلەر رامكىسىدا، رايوندىكى مەسىلىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان تەرەققىياتلارنىڭ يېقىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن خىتابنامەدە، ئىختىلاپلارنى ھەققانىيەتكە ئۇيغۇن ھەل قىلىشنى ئاساس قىلغان ئىجابىي قەدەملەرنى قوللاشنىڭ ئىسپاتلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتابنامەدە، گىرېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە يېقىنقى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىققان ئىجابىي كەيپىياتنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ، ھەر ئىككى تەرەپكە ۋە رايونغا پايدىلىق بولىدىغانلىقى بايان قىلىندى. ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلگەنلىكى تەكىتلەندى.

خىتابنامەدە، 14-ماي يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى بىلەن 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىنىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك كەيپىياتىدا ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەرنىڭمۇ كۆزدىن كەچۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر