ئەردوغان «بايراقتار قىزىل ئەلما» بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزدەمىر بايراقتار دۆلەتلىك تېخنىكا مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، «بايراقتار قىزىل ئالما ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانى» ۋە «بايراقتار ت ب 3» قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
1965323

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «بايراقتار قىزىل ئالما ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانى» ۋە «بايراقتار ت ب 3» قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئالدىدا چۈشكەن رەسىمنى ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى ئۆزدەمىر بايراقتار دۆلەتلىك تېخنىكا مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا يەنە، تۈركىيە بايرىقى سىمۋولىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.