تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەگە ئۇچۇشنى بىكار قىلدى قالدۇردى
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى فىرانسىيەدە ۋە گېرمانىيەدىكى ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن 24 – مارتتىن 26 – مارتقىچە بولغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى فىرانسىيەدىكى ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن، 24 –25 – مارتقىچە ھەر ئىككى تەرەپكە قارىتا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان لىيون – ئىستانبۇل ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەسلىھەتچىلىكى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئىستانبۇل- لىيون ۋە ليون- ئىستانبۇل ئايروپىلان سەپەرلىرى، ئەتە (25-مارت) ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئانادولۇجېت نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ سابىھا گۆكچەن- لىيون ۋە لىيون- سابىھا گۆكچەن ئايروپىلان سەپەرلىرى فىرانسىيەدىكى ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى يەنە، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئىشچىلار ئىش تاشلايدىغانلىقى ئۈچۈن، 26-مارت يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىن بۇ شەھەرگە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بارلىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنى بىكار قىلغان.