ئەردوغان: تۈركىيە ئاشلىق مەسىلىسىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا، ژۇرنالىستلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1963844
ئەردوغان: تۈركىيە ئاشلىق مەسىلىسىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى
erdogan gazeteciler.jpg
erdogan gazeteciler1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دىپلوماتىيە ساھەسىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئوينىغان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بەش قولدەك ئايان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ھەتتا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىمىزمۇ ھەممىگە ئايان. پىرېزىدېنت پۇتىن <ئاشلىق كارىدورىدىن ئاشلىق ئەۋەتەي، لېكىن ئۇلارنىڭ ٪44 ى بۇ يەردىن ياۋروپاغا كېتىۋاتىدۇ، بۇنداق بولماسلىقى كېرەك. بىز ئاشلىقنى تەرەققىي قىلمىغان ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئەۋەتەيلى> دېدى. مەن ئۇنىڭغا: <ئۇنداقتا سىلەر ئاشلىقنى ئەۋەتىڭلار، بىز  بۇ ئاشلىقنى بۇ يەردە ئاۋۋال ئۇنغا ئايلاندۇايلى، ئاندىن بۇ يەردىن تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە ئەۋەتەيلى> دېدىم. پۇتىن بىلەن ئارىمىزدا مۇشۇنداق ئورتاق تونۇشىمىز بار. 3 – 2 كۈن ئىچىدە پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئوغۇتقا ئېھتىياجى بار. بىز ئۇلارنى يەنە ئوغۇت بىلەن تەمىنلەيمىز. دۇنيا بازارلىرى ۋە تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە ئوغۇت ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىشكە تىرىشىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر