تۈركىيە پاكىستاندىن ھال سورىدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان پاكىستاندىن ھال سورىدى ۋە ئاپەتتە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
1963967

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارى بىلەن تېلېفونلىشىپ، يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان پاكىستاندىن ھال سورىدى ۋە ئاپەتتە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.