ھاككارىدا تېررورچىلارنىڭ قورال ۋە ئوق دورىلىرى يوقىتىپ تاشلاندى
ھاككارىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان « ئەرەن قامال كۈز - قىش 5 – قېتىملىق شېھىت ھەرىكىتى» جەريانىدا نۇرغۇن قورال ۋە ئوق-دورا قولغا چۈشۈرۈلدى.
1964154

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ھەرىكەت دائىرىسىدە، كاۋاكلى يېزىسى تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىزدەش - چارلاش پائالىيىتى جەريانىدا ئاساسلىق قورال ئامبىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان بىر ئۆڭكۈر بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.