ئەردوغان ھېرزوگ بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ بىلەن تېلېفونلاشتى.

1963025
ئەردوغان ھېرزوگ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ھېرزوگنىڭ تۈنۈگۈن تېلېفونلىشىپ، تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىگەنلىكى، ئەردوغاننىڭمۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئاپرېل ئېيىدا قۇتلىنىدىغان پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى جەريانىدا نامايان قىلغان ھەمكارلىق روھىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

رامىزان يېقىنلىشىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ھۇجۇملارنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، مەسجىدى ئەقسانىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مەنىۋىيىتى سالاھىيىتىگە قارشى ئىغۋاگەرچىلىك ۋە تەھدىتلەرگە يول قويماسلىقنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان يەنە ھېرزوگنىڭ تىنىچلىقنى ۋە بۇرۇنقى ھالەتنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر