ئەردوغان رەھبەرلىك دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەھبەرلىك دىپلوماتىيەسىنى بۈگۈنمۇ داۋاملاشتۇرىدۇ.

1961213
ئەردوغان رەھبەرلىك دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى نىنىستۆ بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

ئەردوغان ئالدى بىلەن فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىنىستونى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالىدۇ.

ئىككى رەھبەر رەسمىي مۇراسىمدىن كېيىن ئايرىم كۆرۈشىدۇ. بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۇچرىشىشتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن  فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى نىنىستو 2022-يىلى 6-ئايدا مادرىدتا ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.  

ئۇچرىشىشتا يەنە، فىنلاندىيەنىڭ  مەزكۇر كېلىشىم لايىھەسى دائىرىسىدە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ -قىلمىغانلىقى كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا تۈركىيە – فىنلاندىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى نىنىستو ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر