توگگ ئۈچۈن زاكاس قىلىش قويۇق شەكىلدە باشلاندى
تۈركىيەنىڭ ئالدىن زاكاس قىلىش خىزمىتى باشلانغان تۇنجى توكلۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىلى توگگ «Togg T10X» نى دەسلەپكى تۆت سائەت ئىچىدە 7 مىڭ 734 كىشى ئالدىن زاكاس قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توگگنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئالدىن زاكاس قىلىش خىزمىتى جەريانىدىكى دەسلەپكى تۆت سائەت ئىچىدە، 7 مىڭ 734 خېرىدارىمىز تۈركىيەنىڭ تۇنجى توكلۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىلى توگگ <Togg T10X> نى ئالدىن زاكاس قىلدى. بۇ خىزمەت 27-مارتقىچە داۋاملىشىدۇ. بىزگە ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن رەھمەت. بۇ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئىپتىخارى.»
ئىگىلىنىشىچە، 2023-يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە خېرىدارلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان 12 مىڭ توگگ «Togg T10X» ئۈچۈن ئالدىن زاكاس قىلغۇچىلار ئېنىقلاپ چىقىلىدىغان چەك تارتىش جەريانى 3-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
بۇ جەرياندا Trumore پىروگراممىسى ياكى توگگ تور بېكىتى ئارقىلىق Tru.ID قۇرغان ھەربىر يەككە خېرىدار ھاۋالە قىلىش ياكى ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق Trumore e-ھېساباتىغا 60 مىڭ لىرا يوللىغاندىن كېيىن، چەك تارتىش ئارقىلىق «Togg T10X» نى ئالدىن زاكاس قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدىكەن.
ئالدىن زاكاس قىلىش جەريانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، توردا چەك تارتىش پائالىيىتى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بىر گۇۋاھچىلىق ئورنىنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.