توگگ مۇشۇ ھەپتە بازارغا سېلىنىدۇ

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئاپتوموبىلى توگگ (TOGG) مۇشۇ ھەپتە بازارغا سېلىنىدۇ.

1958893
توگگ مۇشۇ ھەپتە بازارغا سېلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە  سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ قاجىر تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئاپتوموبىلى توگگنىڭ مۇشۇ ھەپتە بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قاجىر مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئاپتوموبىلى توگگ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار توك ئاپتوموبىل ماركىلىرىدىن بىرى بولىدۇ، شۇنداقلا ئاپتوموبىل ساھەسىسدە كۆپلىگەن تېخنولوگىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش تەشەببۇسلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئاپتوموبىلى توگگنىڭ تۇنجى قېتىم C سىنىپ SUV  مودېلى بازارغا سېلىنىدىكەن.

توگگنىڭ ئەمەلىي سېتىلىش باھاسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنىدىكەن.

بۇرسا ۋىلايىتىنىڭ گەملىك رايونىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا 2022 – يىلى 29 – ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئاپتوموبىلى توگگنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى باشلانغان ئىدى.

تۈركىيەنىڭ نشانى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە تەخمىنەن 20 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، 2030-يىلىچە بۇنى بىر  مىليونغا يەتكۈزۈش ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر