باش ئەلچى قايماقچى چارلېز مىشېلغا ساداقەت مەكتۇپىنى تاپشۇردى

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى فارۇق قايماقچى ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېلغا ساداقەت مەكتۇپىنى سۇندى.

1958205
باش ئەلچى قايماقچى چارلېز مىشېلغا ساداقەت مەكتۇپىنى تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساداقەت مەكتۇپىنى سۇنۇش مۇراسىمى كىلاسسىك مۇراسىم شەكلىدىن ھالقىپ، تەخمىنەن بىر سائەت داۋاملاشقان سۆھبەت شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

مۇراسىمدا، باش ئەلچى قايماقچى مىشېلغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قاھرامانماراشنى  مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشلەردىن كېيىنكى ھەمكارلىق روھىغا رەھمەت ئېيتتى.

مۇراسىم جەريانىدا يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كاندىدات ئەزاسى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئىلگىرى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن قايماقچى، ئىككىنچى قېتىم تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دائىمىي ۋەكىللىكىگە تەيىنلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر