ئەردوغان تۈركىيە-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىقتىسادىي شېرىكچىلىك كېلىشىمى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي شېرىكچىلىك كېلىشىمى» نىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1954785
ئەردوغان تۈركىيە-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىقتىسادىي شېرىكچىلىك كېلىشىمى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «دوستۇم (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى) مۇھەممەد بىن زايىد ئال نەھيان بىلەن مەن تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي شېرىكچىلىك كېلىشىمىنىڭ دوستلۇقىمىزنى ۋە ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشنىمىز. ئىنشائاللاھ، كېلىشىمىمىز مۇناسىۋىتىمىزگە زور كۈچ قوشىدۇ» دېدى.

مۇھەممەد بىن زايىد ئال نەھيانمۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا تۈركچە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېفون سۆھبىتىمىزدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپەتلىك بىر قەدىمىنىڭ تاشلانغانلىقىغا ۋە ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي شېرىكچىلىك كېلىشىمىنىڭ ئىمزالانغانلىقىغا شاھىت بولدۇق. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

ئال نەھيان ئۇچۇرىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۈركىيە سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇشنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي شېرىكچىلىك كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ ئورتاقلاشتى.

تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي شېرىكچىلىك كېلىشىمى سايىسىدا تۈركىيەدە تەخمىنەن 100 مىڭ يېڭى ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىلىدۇ.

كېلىشىم ئارقىلىق ئىككى دۆلەت سودا مىقدارىنى ئالدىمىزدىكى بەش يىلدا 25 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنىڭ پىلانلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر