تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ياردەم پىدائىيلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھاسان مۇرات مەرجان ياردەم توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان پىدائىيلارغا مىننەتدارلىق گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

1954815
تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ياردەم پىدائىيلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
hasan murat mercan washington deprem tesekkur.jpg
hasan murat mercan washington deprem tesekkur

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھاسان مۇرات مەرجان 6-فېۋرال قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن 7.7 ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان پىدائىيلارغا مىننەتدارلىق گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

باش ئەلچى مەرجان تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانا بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، ئۇدا بىر قانچە كۈن بويىچە ياردەم بۇيۇملىرىنى رەتلەپ، ساندۇقلارغا قاچىلاش خىزمەتلىرىنى قىلغان پىدائىيلارنى بىر-بىرلەپ سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ، گۇۋاھنامىلىرىنى تەقدىم قىلدى.

باش ئەلچى مەرجان پىدائىيلارغا خىتابەن سۆز قىلىپ: «بىز سىلەرگە قانچىلىك رەھمەت ئېيتساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ. سىلەر بولمىغان بولساڭلار، بۇ ئىشنى قىلىش مۇمكىن بولمايتتى، سىلەرنىڭ تۆھپەڭلار بىباھادۇر» دېدى.

مەرجان تەخمىنەن 250 پىدائىي قاتناشقان مۇراسىمدا توپلانغان ياردەمنىڭ مىقدارىنىڭ زورلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «شۇنچىلىك كۆپ ماتېرىيالنى سىلەرنىڭ قىممەتلىك تۆھپەڭلەر سايىسىدا تېزلىكتە رەتلەپ ئەۋەتەلىدۇق. پۇقرالىرىمىزلا ئەمەس، ئامېرىكالىق دوستلىرىمىزمۇ بىزگە ياردەمچى  بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەلچىخانىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ئەلچىخانىمىزغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىن 2023 – يىلى 2 – مارتقىچە چېدىر، ئەدىيال، ئۇخلاش خالتىسى، دورا ۋە يېمەكلىك قاتارلىقلار بولۇپ، جەمئىي 234 توننا ياردەم ماتېرىيالى ئىئانە قىلىندى. ئامېرىكا مىقياسىدىكى ئومۇمىي ياردەم ماتېرىياللىرى مىقدارىنىڭ 2500 توننىدىن ئېشىپ كېتىشى تەخمىن قىلىنماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر