ئۆنال تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى قولايلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى سەدات ئۆنال، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
1953226
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەدات ئۆنال ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ تەۋەلىكىدىكى يەر تەۋرەشلەرنىڭ جاراھەتلىرىنى ساقايتىشقا تىرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيە خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈنمۇ كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
باش ئەلچى سەدات ئۆنال يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغان جىلۋەگۆزۈ چىگرا ئېغىزى يولىنىڭ رېمونت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئۆنجۈپىنار ۋە چوبانبەي چېگرا ئېغىزلىرىنىڭمۇ ب د ت ياردەملىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
مۇساپىرلارنىڭ دۆلەتلىرىگە قايتىشلىرىنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ تىلغا ئالغان ئۆنال، ئۇلارنىڭ قايتىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە لىۋانغا ياردەم قولىنى سۇندى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان لىۋانغا ياردەم قولىنى سۇندى.