تۈنۈگۈن كەچتە ھاتاينىڭ دەفنە ناھىيەسىدە 6.4 بال يەر تەۋرىدى

تۈنۈگۈن (20-فېۋرال) كەچتە ھاتاينىڭ دەفنە ناھىيەسىدە 6.4 بال يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، ئۈچ كىشى قازا قىلدى.

1949036
تۈنۈگۈن كەچتە ھاتاينىڭ دەفنە ناھىيەسىدە 6.4 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋەرى: تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) نىڭ باياناتىدا، «ھاتاي ئۆلكىسىنىڭ دەفنە ناھىيەسىدە تۈنۈگۈن كەچ سائەت  20.04 دە 6.4 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەشتىن كېيىن، ئەڭ چوڭى 5.8 بال بولۇپ جەمئىي 32 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەش يۈز بەردى. 3 پۇقرامىز يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى» دېيىلدى.

رايوندا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى كۈچەيتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر