«تۈركىيە يېگانە قەلب» سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى (TRT) قاتارلىق سەككىز تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئورتاق نەق مەيدان پىروگراممىسى ئارقىلىق «تۈركىيە يېگانە قەلب» سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

1947045
«تۈركىيە يېگانە قەلب» سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «تۈركىيە يېگانە قەلب» سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى دائىرىسىدە ئىئانە قىلىنغان 115 مىليارد 1 مىليون تۈركىيە لىراسى، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى بىلەن تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلىنىدۇ.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تور، يەرلىك، رايونلۇق، دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق تەخمىنەن 200 تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە 500 رادىيو ئىستانسىسى ئىشتىراك  قىلغان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە ئەزەربەيجاندىمۇ نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىلغان پىروگراممىغا تېلېفون ئارقىلىق ئۇلىنىپ، مۇنداق دېدى:

«دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بانكا ھېساباتلىرىغا ياتقۇزۇلغان ھەر بىر سىنىت، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىدۇ.»

6 – فېۋرال (2023) يۈز بەرگەن 7.7 ۋە 7.6 باللىق يەر تەۋرەش ئاپىتى، تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتى بىلەن سۈرىيەدە ئېغىر تالاپەتلەرنى يەتكۈزۈپ، مىڭلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر