دۇنيادىكى دۆلەتلەر تۈركىيە ۋە سۈرىيەگە يېڭى ياردەملەرنى قىلىشنى باشلىدى

دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر قاھرامانماراشنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن قىلىنغان ياردەملەر دائىرىسىدە، يېڭى ياردەملەرنى ئەۋەتىشنى باشلىدى.

1946645
دۇنيادىكى دۆلەتلەر تۈركىيە ۋە سۈرىيەگە يېڭى ياردەملەرنى قىلىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ۋاراشاۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەنگىز كامىل فىرات پولشانىڭ «بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان قاھرامانماراشنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن قىلىنغان ياردەملەر دائىرىسىدە، يېڭىدىن بىر يۈك ئاپتوموبىلى گېنېراتور، بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئەدىيال ۋە بىر يۈك ئاپتوموبىلى قىشلىق چېدىردىن باشقا، بەزى دورىلارنى تۈركىيەگە ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

باش ئەلچى جەنگىز كامىل فىرات تۈركىيەدە 6-فېۋرالدا يۈز بەرگەن 7.7 ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن، پولشانىڭ تۈركىيەگە ئەۋەتكەن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئالتە سائەتتە تەييار بولغانلىقىنى، كېيىنچە بۇ خادىملارغا كان ئىشچىلىرىنىڭمۇ قېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراق ھۆكۈمىتىمۇ يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن، تۈركىيەگە 30 مىڭ توننا يېقىلغۇ ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى ئېرىكا ئولسون (Erica Olson) قاھرامانمارش يەر تەۋەرش ئاپەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 85 مىليون دوللارلىق ياردىمىدىن باشقا، خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭمۇ ئاپەت رايونلىرىغا 50 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ياردەم قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ۋېدانت پاتېل (Vedant Patel) تۈركىيەگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ناتونىڭ ئىتالىيە ناپولى شەھىرىدىكى بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەڭ ئاز دېگەندە مىڭ كونتېينېر ئۆينى تۈركىيەگە ئەۋەتىش تەييارلىقىنى باشلىۋەتكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، بۇ كونتېينېرلارنىڭ دەسلەپكى قسمىنىڭ كېلەر ھەپتە ئىچىدە تۈركىيەگە ئەۋەتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

گىرۇزىيەدىن 85 كىشىلىك ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى تۈركىيەدىكى ئاپەت رايونلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.

گىرۇزىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قارمىقىدىكى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئەترەتنىڭ ئادىياماندا ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، مەزكۇر ئەترەتنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەن ئالمىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «يېڭى ئەۋەتىلگەن ئەترەت، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن تارقاقلاشتۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشتا يېتىشكەن مۇتەخەسسىسلەشكەن پاژارنى خادىملىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئەترەت زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر، ئۇچقۇلار، خەۋەرلىشىش ئاپپاراتلىرى ۋە ھەر تۈرلۈك قۇتقۇزۇش مالزىمىلىرى بىلەن قوراللانغان» دېيىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان رايونلارغا 3 مىڭ كونتېينېر ئۆي ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى مەركىزىگە قاراشلىق ساھەم مۇنبىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدىكى ئاپەت رايونلىرى ئۈچۈن توپلانغان ياردەم مىقدارى 355 مىليون 192 مىڭ رىيالغا (تەخمىنەن 94 مىليون دوللار) يەتتى.

لاتىن ئامېرىكادىكى كولومبىيە تۈركىيەنىڭ بوگوتادىكى ئەلچىخانىسى ۋە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA) بىرلىكتە، ئاپەت رايونلىرىغا تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانلىرى بىلەن ياردەم يىشىكلىرى ئەۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر