چاۋۇشئوغلۇ ئاپەت مۇناسىۋىتى بىلەن قىلىنغان تېلېفونلارنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 6-فېۋرال (2023) قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەر مۇناسىۋىتى بىلەن، نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلگەن تەزىيە تېلېفونلىرىنى قوبۇل قىلدى.

1944169
چاۋۇشئوغلۇ ئاپەت مۇناسىۋىتى بىلەن قىلىنغان تېلېفونلارنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەر مۇناسىۋىتى بىلەن، قىلىنغان تەزىيە تېلېفونلىرىنى قوبۇل قىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەنلەر ئارىسىدا، جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارك جىن، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھاياشى يوشىماسا، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھىسسەيىن براخىم تاھا، نېپال تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىمالا رائى پاۋديال، پىل چىشى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىيا كامارا، كۈۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم بىن ئابدۇللاھ ئەلجەبىر ئەسساباھ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى قوشنىدارچىلىق ۋە تەرەققىيات كومىسسارى ئولىۋېر ۋارخېليى قاتارلىقلار بار.

كولومبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالۋارو لېيۋا دۇران، ئاۋستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېنني ۋوڭ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سيلۋى بايپو تېمون ۋە گامبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مامادوۋ تانگارا قاتارلىقلارمۇ مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، تەزىيە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلىنغان 45 تېلېفوننى قوبۇل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر